بۈگۈن گىرمانىيەدە پاسخا بايرىمى . ئەلۋەتتە بۇ يىل بۇ بايرام ھەر يىلدىكىدەك بولمايتتى ، ئالدىنقى يىللاردا بولسا ھەممە يەردە لىق ئادەم تۇققانلار بىر-بىرىنى يوقلىشىپ ، بەزىلەر ساياھەت قىلىپ ئۆتسە ، قوشنىلار قوشنىلارنىڭ باللىلىرىغا شاكىلات سوۋغات قىلىپ ئىشىكلەرنىڭ ئالدى شاكىلات بىلەن توشاتتى ، بۇ يىل ئۇنداق بولمىدى، ئەتتىگەندە تۇرساق قوشنىمىزنىڭ ئوغلى گېغو دەرىزىدىن ھە دەپ ئىلىياس ھەي ئىلىياس دەپ توۋلىغىلى تۇرۇپتۇ، ، ئىلىياس ھويلىغا چىقىپ نىمە بولدى دىۋىدى ، ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە توشقان كىلىپ بىرمۇنچە شاكىلات بەردى ماڭا يەنە نىنجاگونىڭ لىگوسىنىمۇ ئەكەپتۇ... سىلەرمىڭ ئۆيگە كەلدىمۇ دىدى ، ئىلىياس بىشىنى تۆۋەن سىلىپ ياق تىخى دىگىنىچە ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى ھەم بىزنىڭ ئۆيگە قاچان توشقان كىلىدۇ دەپ سورىدى... بىز سائەت ئوندا دىدۇق. ئۇ سا ئەتكە قاراپ ئۇف يەنە ئىككى سائەت باركەن ... تەڭسىزلىك ! نىمىشقا گېغو نىڭ ئۈيىگە باشتا كىلىدۇ ... ؟ تاڭسىڭ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ ھەممە بالىلارغا قانداقسىگە تەڭ توشۇپ بۇلىدۇ؟دىۋىدى ئىلىياس دادا توختا راس توشقانمۇ ؟ تاڭسىڭ مەنمۇ بىلمەيمە ، چۈنكى مەنمۇ توشقاننىڭ شاكىلات بەرگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىغان . تۇيۇقسىز ئايسۇ چىقىپ مەن بىلىمە دادام بىزگە شاكىلات ئىلىپ يەر ئاستى ئۈيىگە تىقىپ قويىدى. يەنە ئۇيۇنچۇقمۇ بار . ماڭا ئىلىياس مەن ساڭا كورسىتىپ قوياي ... تاڭسىڭ ئىككەيلەن بۇ جىنتەكنىڭ قاچانلاردا بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلغنىنى بىلەلمەي كوزلىرىمىز چەكچىىيىپ كەتتى، تاڭسىڭ ياق توشقان يەر ئاستى ئۈيىگە قويۇپ قۇيۇپتۇ، مەن ھىلى ئۇنى ھويلىغا يۇشۇرۇپ قوياي ، سىلەر تىپىڭلار دىدى. ئىككى جىنتەك خوشاللىقىدىن قۇپۇپ تەييار بولدى ، ئاڭغىچە خوشنىمىز كىلاۋۇس ھويلىسىدا بىزنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ، ئۇ مۇ بالىلارغا شاكىلات يۇشۇرۇپ قۇيۇپتۇ... مەن كىلاۋۇسنىڭ ئايالى گابىغا خەت يازدىم ، گابى ، شاكىلاتلار ئۈچۈن رەھمەت ! بالىلار بەكلا خوش بولدى ، گابى : ئەرزىمەيدۇ، مەن سىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ بىللە پاراڭلىشىنى بەكلا سېغىندىم ، بۇ ئىشلار ئۈتۈپ كەتكەندە سىلەرنى ئۆيگە چاقىرىمە ، ياخشى بىر ئولتۇرايلى ، ئەگەر ماسكا لازىم بولسا ماڭا دىگەن مەن سىلەرگە ماسكا تىكىپ بېرەي . بۇ قۇرلارنى تاڭسىڭغا كورسەتتىم . ئىككىمىز ئىللىقلىق ھىس قىلدۇق . خۇددى تۈنۈگۈن گىرمانىيە پىرىزدىنتى تىلىۋىزوردا دىگەندەك بۇ ئالاھىدە بىر ۋاقىت ، بىز ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ بۇ ۋىرۇستىن غەلبە قىلىشىمىز كېرەك بۇ ۋېرۇس ھەرگىز ئۇرۇش ئەمەس دۆلەت ياكى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى ئەسكەر بىلەن ئەسكەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش ئەمەس بەلكى بىز ئىنسانلارنىڭ ئىنسانلىكىغا قىلىنغان سىناق ،ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەسكى ھەم ئەڭ ياخشى تەرىپىنى ئىچىپ برىدۇ، ھەممەيلەن ھەممەيلەن بىرلىكتە ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپىنى كورسىتەيلى . ئەگەر ياشىنىپ قالغان قوشنىلىرىڭلار بولسا ئۇلارغا يەيدىغدن نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرىڭلار ، ئىدقات قىلىدىغانلار ئۆز تىلاۋەتلىرىڭلاردا تىلەڭلار. مۇشۇنداق ئالاھىدە بايرامدا ھەرخىل ئىللىق ئاماللارنى تىپىپ بايرامنى ئالاھىدە ئىللىق ئۆتكۈزەيلى دىگەندەك ......
在德国的小生活德国文化 德国
Aynisa-Mexmut
قىزىقىڭىزنىڭ ئىسمى ئايسۇغۇ ھە ، قايسى بىر يازمىدا ئۇقىغانتىم![[心]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/others/l_xin-43af9086c0.png)
![[鲜花]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/others/w_xianhua-f902c37199.png)
在德国的小生活
回复 Aynisa-Mexmut:ئايقىڭز چاققان![[good]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/others/h_good-0c51afc69c.png)
![[嘻嘻]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/default/d_xixi-643ef6e48d.png)
在德国的小生活
回复 Aynisa-Mexmut:ئىلىياس
Fawziya13061
بۇلارنى ئۇقۇپ كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى ،ئەسەرلىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ ئوقۇۋاتىمەن .![[给你小心心]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/others/qixi2018_xiaoxinxin-c76bf85343.png)
![[给你小心心]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/others/qixi2018_xiaoxinxin-c76bf85343.png)
在德国的小生活
ئەسەر دەپ خىجىل قىمماڭ .. ھىس تۇيغۇلار پەقەت ، لىكىن رەھمەت ياقتۇرغىنىڭىزغا بەكلا سۈيۈندۈم![[心]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/others/l_xin-43af9086c0.png)
在德国的小生活
回复 Fawziya13061:![[爱你]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/default/d_aini-09d5f3f870.png)
![[爱你]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/default/d_aini-09d5f3f870.png)
![[爱你]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/default/d_aini-09d5f3f870.png)
Elaine-vw
ئوغلىڭىز ئىلياس گېرمانلارغا بەكلا ئوخشايدىكەن خۇددى مىكىس قاندەكلا ، 混血نى قانداق دېيىشنى بىلەلمەي بەك ئۇزۇن ئويلاندىم![[傻眼]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/default/d_shayan-4e8000eba9.png)
在德国的小生活
بوباق ۋاقتى
评论配图
在德国的小生活
回复 Elaine-vw:ۋۇتان ۋۇتان![[允悲]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/default/d_yunbei-a14a649db8.png)
zaynap7
ئوقۇپ بولۇپ ئۆزۇمچە ئىللىقلىق ھىس قىلىپ كەتتىم، خۇددى بىرسى ماڭا شاكىلات بەرگەندەك![[亲亲]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/default/d_qinqin-cc50dcd938.png)
ئاندىن بىغىڭلار بەك چىرايلىقكەن![[鲜花]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/others/w_xianhua-f902c37199.png)
![[鲜花]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/others/w_xianhua-f902c37199.png)
在德国的小生活
رەھمەت ياقتۇرغىنىڭىزغا![[心]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/others/l_xin-43af9086c0.png)
![[心]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/others/l_xin-43af9086c0.png)
![[心]](https://h5.sinaimg.cn/m/emoticon/icon/others/l_xin-43af9086c0.png)